باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلايلى

2014.10.21 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 20-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يىغىندا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىدۇ ھەمدە «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىدۇ. بۇ پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ئومۇمىي يىغىندا تەتقىق قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ‐‐ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ تاللىشى. جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان «ئورتاق پىروگرامما» قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقاندىن باشلاپ، دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان جاپالىق ئىزدىنىشلىرىگىچە، 1997-يىلى پاتىيە 15-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» ئاساسىي ئىستېراتېگىيەسىدىن 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىندا «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەتقىق قىلىشقىچە، قانۇن ئىدارە قىلىش ‐‐ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەس ئېتىقادى ۋە ئىستىكى بولۇپ كەلدى. بىز مەمنۇنلۇق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، سىياسىي قىياپەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ: 2014-يىل 3-ئايغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇن 242گە يەتتى. 68 قانۇننى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ‐‐ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا، ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش ‐‐ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئايلاندى. ئۆز مۇخبىرىمىز ۋېن خۇڭيەن، خۇاڭ چىڭچاڭ، شۈ جۈن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر