خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئاپرېل، سەنشى داتۇڭدىكى جياڭجياۋەن كۆمۈر كېنىدا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىنى قۇدۇقتىن چىقىرىۋالدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سەنشى داتۇڭ كۆمۈر كان گۇروھى يەر ئاستى كۆمۈر كان شىركىتى جياڭجياۋەن كۆمۈر كېنىنىڭ «4.19»خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش بۆلۈمى تارقاتقان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئۈچ ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 16 ئادەم قازا قىلغان، قاپسىلىپ قالغان بەشەيلەن پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېي لياڭ فوتوسى)