باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

ئالتۇن باھاسى پات ئارىدا 1300 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ

2014.01.20 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىۋىتسارىيە بانكىسى : ئالتۇن پات ئارىدا 1300 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشى مۇمكىن، ئەمما باھا ئۆرلىگەندە سېتىۋېتىش تاكتىكىسىنى قوللانغان تۈزۈك.

  شىۋىتسارىيە بانكا گورۇھى (قىسقارتىلمىسى UBS ) نىڭ 13-يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالتۇن پات ئارىدا 1300 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسۈشى مۇمكىن، لېكىن ئىستىراتېگىيە جەھەتتە، باھا ئۆسكەندە بار مالنى سېتىپ چىقىرۋەتكەن تۈزۈك دەپ كۆرسەتتى.

  شىۋىتسارىيە بانكا تەرەپ 10- يانۋاردىكى دوكلاتىدا «گەرچە 12-ئايدا ئامېرىكا غەيرى يىزا ئىگىلىك كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى مۆلچەردىكىدەك چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالتۇنغا بولغان تەسىرى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى، سەۋەبى بەلكىم مەبلەخ سالغۇچىلار 2013-يىلى ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئالتۇننى«قايتا ئۆسەلەرمۇ ؟» دەپ ئىككىلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بىزنىڭ قارىشىمىزچە« ئالتۇن پات ئارىدا كۆرۈنەرلىك ئۆسىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. شىۋىتسارىيە بانكىسىنىڭ ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتە مەبلەخ سالغۇچىلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇۋاتقىنى «ئالتۇن باھاسى تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قالدىمۇ قانداق »دىگەن خىيالدىن ئىبارەت. چۈنكى مەبلەخ سالغۇچىلار 12- ئايدا ئامېرىكا غەيرى يىزا ئىگىلىك كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى بازار مۆلچەرىدىن ياخشى بولىدۇ، بۇ ھەم ئامېرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2015- يىلىدىن بۇرۇن ئامانەت ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغاچ، مەبلەخ سالغۇچىلار ئىككىلىنىپ قالدى.

  شىۋىتسارىيە بانكا تەرەپ تەكىتلەپ :«12-ئايدىكى ئامېرىكا غەيرى يىزا ئىگىلىك كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى، خەلقئارا بازاردىكى ئالتۇن باھاسىنى چوقۇم 1300 دوللارغا يەتكۈزۋىتىدۇ، ئەمما قىش پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، پەسىل تەسىرگە ئۇچرايدىغان غەيرى يىزا ئىگىلىك كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاش ئەھۋالى ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ، ئالتۇن باھاسىنى قايتىدىن باسىدۇ، ئالتۇن باھاسى مۇقەررەر چۈشىدۇ، شۇڭا مەبلەخ سالغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى باھا ئۆسكەن پۇرسەتتە قولىدىكى مالنى تولۇق سېتىپ چىقىرۋەتكىنى تۈزۈك.»

  يەرشارى پېرېۋوت مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىدا 13- يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى 06:25 دە ، خام ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.35 دوللار ھەر ئونىسسيەنى كۆرسەتتى.

  ئەسكەرتىش :ماقالىدە ئېيتىلغان ئالتۇن باھاسى بولسا ئامېرىكا دوللىرى ھەر ئونىسسىيەنى كۆرسىتىدۇ . (بۇ ماقالە مەلۇم مۇتەخەسسىسنىڭ شەخسي كۆز-قارىشى، بىردىنبىر سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ ، يۇقارقىلارنىلا ئاساس قىلىۋېلىپ، سودىدا زىيان تارتسىڭىز ئۆزىڭىز مەسئۇل )

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر