باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى بەش چوڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىلىدىكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى

2014.01.20 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، گۇاڭشىدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىگە سالغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى، ئۈنۈمنى، كىرىمنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  2013-يىلى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئورمانچىلىق باغۋەنچىلىك سۈپىتى داۋاملىق ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئورمانچىلىق باغۋەنچىلىك تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىليون مودىن، مېۋە چىۋە مەھسۇلاتى 8 مىليون توننىدىن ئاشتى. شىنجاڭنىڭ مېۋە -چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك پەن تېخنىكا باغچىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا پەن تېخنىكا يۇرتىنى قۇردى، يەنە 20 مىڭغا يېقىن تور دۇكىنىنى تەرەققىي قىلدۇردى. 2013-يىلى شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەن كۆپىيىپ، تارىخى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  2013-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكى 2000» ناملىق يېڭى سورتنى 106 مىڭ مو يەردە كېڭەيتتى، مو بېشى مەھسۇلاتى 26.5 كىلوگرام ئاشتى. 2013-يىلى شىزاڭنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى 960 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا 15 يىل 900 مىڭ توننىدىن ئاشتى، بولۇپمۇ يالىڭاچ ئارپا مەھسۇلاتى 660 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 2013-يىلى ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 27 مىليارد 730 مىليون كىلوگراملىق تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 مىليارد 445 مىليون كىلوگرام كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %9.7 كە يەتكەن، تارىخى خاراكتېرلىك ئۇدا 10 يىل مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. پۈتۈن بىر يىلدا دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ساپ كىرىمى تەخمىنەن 8500 يۈەنگە يېتىپ، %12 تىن كۆپرەك ئاشقان.

  2013-يىلى نىڭشيادا يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئاشتى، كۆلەملىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى 262 گە، مەھسۇلات قىممىتى 31 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى. نىڭشيادا ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانا 19 غا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانا 220 گە يەتتى، سېتىش كىرىمى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانا 5 گە، 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانا 10 غا، 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانا 42 گە يەتتى.

  2013-يىلى گۇاڭشى «ئاشلىقنى كۆپەيتىش تۆت چوڭ تەدبىرىنى» كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى؛ بىرىنچى، ئالاھىدە دەرىجىلىك شال كۆلىمىنى 15 مىليون 240 مىڭ موغا يەتكۈزدى؛ ئىككىنچى، قىشتا تېرىپ ئەتىيازدا يىغىۋېلىنىدىغان ياڭيۈنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەتىيازلىق ئاشلىقنى 77 مىڭ توننا ئاشۇردى؛ ئۈچىنچى، دۆلەت دەرىجىلىك 255 ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 80 ئاشلىق ماي يۇقىرى مەھسۇلاتى بەرپا قىلىش سىنىقى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلدى؛ تۆتىنچى، مۇۋاپىق قويۇق تېرىلىپ ئاشلىق ئاشۇرۇلدى، بىر جىڭ كۆپرەك تېرىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى يۈز جىڭ كۆپەيتىش ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 6 مىليون مودىن ئاشتى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، پۈتۈن بىر يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 15 مىليون 218 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر