باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 790 مىڭ تەكرارلانغان نوپۇسنى ئۆچۈرۈۋەتتى

2014.01.20 08:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بەزى جايلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ نوپۇس كىملىك بېجىرىشىدە كۆرۈلگەن بىر كىشىنىڭ نەچچە نوپۇسى نەچچە كىملىكى بولۇشتەك ئامما ئىنكاس قىلغان نوپۇس بېجىرىش تەس بولۇش، كىملىك بېجىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ نوپۇسنى ئېنىقلاپ رەتكە سېلىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نوپۇس، كىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 790 مىڭ قايتىلانغان نوپۇسنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقىدى ۋە ئۆچۈردى، بىر تۈركۈم قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ خادىملارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىغا قولايلىق پايدىلىق بولۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارا ۋەدە بېرىپ، ئامما نوپۇس، كىملىك بېجىرگەندە بىرلا قېتىم بېجىرگىلى بولسا ئۇلارنى ئىككى قېتىم يۈگۈرتمەسلىك، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسا، بىرلا قېتىمدا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ھەمدە ئالاقىدار رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماسلىق، قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ چىقتى، نوپۇس بېجىرىش، كىملىك بېجىرىش خىزمىتى ئىنتىزامىنى چىڭىتتى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇختىلاش روھى بويىچە قانۇن ئىجرا تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقچى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى تاشقى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، «قالايمىقان كىملىك بېجىرىش» يوچۇقلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك، بىر كىشىنىڭ كۆپ نوپۇس، كۆپ كىملىككە ئىگە بولۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ يالغان نوپۇس بېجىرگەنلەر، يالغان كىملىك بېجىرگەنلەرنى بىردەك خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ، نوپۇس ۋە كىملىك بېجىرگەندە ئاممىنى تەڭلىككە قويغانلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلىدۇ، جىنايەتكە چېتىشلىقلىرىنىڭ بىردەك جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر