باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېڭدۇ–قەشقەر بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى

2014.01.20 08:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ چېڭدۇدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچقان تۇنجى ئايروپىلانى 7 – يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 13 تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.

  چېڭدۇ – قەشقەر ھاۋا لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇدىن كېيىن دۆلەت ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئاچقان چېڭدۇدىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا قاتنايدىغان 4 – ھاۋا لىنىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چېڭدۇ – قەشقەر نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 13 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەرگە قونىدۇ، 19 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 0 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇغا قونىدۇ، ئۇچۇش ۋاقتى بەش سائەت. 2010 – يىلى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، سىچۇەن – چۇڭچىڭلىق كارخانىچىلار قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشتى، سىچۇەنلىك ئىشلەمچىلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنىپ، ئىككى رايوندىكىلەرنىڭ بېرىش – كېلىشى كۆپەيدى.

  ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەردىن چېڭدۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى %25 ئېتىبار باھادا، چېڭدۇدىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى %65تىن %70كىچە ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن. بېلەت ‹‹شېيچىڭ تورى››، ‹‹قەيەرگە بارىسىز تورى›› قاتارلىق تور بېكەتلىرى ۋە بېلەت سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە سېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر