باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش رەسمىي تەستىقلاندى

2014.01.20 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش رەسمىي تەستىقلانغان. بۇ يىل قۇرۇپ ۋىۋىسكا ئېسىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى،خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ سۇروڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ بانكىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەۋقەنى شىنجاڭغا قارىتىپ،شىنجاڭنىڭ رايون تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەمچى كۈچ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن،خەلق تۇرمۇشى، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق رايوننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  2012-يىلى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پۈتۈن ئۆمەكنىڭ نامى بىلەن شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇشقا ئائىت نۇقتىلىق تەكلىپنى سۇنغان ئىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى، ئىدارە باشلىقى لەي شيۇفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:شىنجاڭ بانكىسى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە بانكا قۇرۇپ،شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئاجىز رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە بارلىق ئاممىنى ئاساسىي خاراكتېرلىق پۇل مۇئامىلە بىلەن تەمىنلەپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ؛پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئورۇنلىشىشىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ۋەزىيىتىنى ياخشىلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر