گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى جۈنبېل: ھەر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغىنىمدا يېڭى تونۇش ۋە يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىمەن
گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى جۈنبېل 8-ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇنداق دېدى: « ھەر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە بارغاندا مەن يېڭى تونۇشقا، يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىمەن. ئۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىغا ۋە دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى. جۇڭگو ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ ئىنتايىن قالتىس نەتىجە. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەخمىنەن 740 مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن « ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە نامراتلىقنى ئازايتىش » دەپ تەرىپلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن ياۋروپا تەسىر كۈچىگە ئىگە « موتور » غا ئايلىنىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئورتاق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ