مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېقىندا ئامېرىكا پارس قولتۇقى دېڭىزى قاتنىشىشنى قوغداش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، ئىران بۇنىڭغا قارشى تۇردى

2019.08.23 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىندا ئامېرىكا پارس قولتۇقى دېڭىزى قاتنىشىشنى قوغداش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، ئىران بۇنىڭغا قارشى تۇردى، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى دېڭىز قاتنىشىشنى قوغداش ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولماقچى.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرى دىپلوماتىيە ئەربابلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جاۋاد زەرىف 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىنكەن، شۇ چاغدا ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئاتالمىش « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » قۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردىكەن.

  ئامېرىكا 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پايتەخت ۋاشىنگتوندا يىغىن ئېچىپ، ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى ئۆمىكىگە « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » نى تەشكىللەپ « دېڭىز - ئوكيان خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش » تەسەۋۋۇرىنى ئاشكارىلىدى. « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » نىڭ دېڭىز ئۈستى كۈچى ھورمۇز بوغۇزى، ماندار بوغۇزى، ئومان قولتۇقى قاتارلىق مۇھىم جايلاردا پەيدا بولۇپ، ئىراننىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » غا قاتنىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى، لېكىن بۇنىڭغا ماسلاشقانلار ئانچە كۆپ بولمىدى. ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پاراخوتىنى قانداق قوغداشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈستىدە ئويلاشماقتىكەن.

  ئىران، پارس قولتۇقى سۇ ساھىلى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوتلارنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاساسلىقى ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ قول تىقىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئىران ھۆكۈمىتى 7 - ئايدا دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ياپونىيە، كورېيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە، ئىراننىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئاتالمىش « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » نى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەدبىرىنى جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىشكە پايدىسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ياپونىيە بىلەن ئىران مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى بولۇپ كەلدى. ياپونىيە دۇنيادىكى 4 - چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىراننىڭ مۇھىم نېفىت ئىمپورت قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكا ئىلگىرى ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى سەككىز تەرەپنى جازالاشنى كەچۈرۈم قىلىشنى توختىتىشنى جاكارلاپ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك توسۇماقچى بولغان. ياپونىيە جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى.

  كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 18 -كۈنى كۆپلىگەن دىپلوماتىيە ئەربابلىرى تەمىنلىگەن خەۋەرگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە: ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىنكەن، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىنوتارو بىلەن كۆرۈشىدىكەن. زەرىفقا مۇناسىۋەتلىك زىيارەت پىلانىنى ئىران بىلەن ياپونىيە ئاخىرقى باسقۇچتا مەسلىھەتلەشمەكتىكەن.

  زەرىف ئالدىنقى قېتىم بۇ يىل 5 - ئايدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان. شۇ چاغدا ئابى شىنزو زەرىفقا ياپونىيەنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئابىشىنزو بۇ يىل 6-ئايدا ئىراندا زىيارەتتە بولۇپ، ياپونىيەنىڭ 40 يىلدىن بۇيان ئىراندا زىيارەتتە بولغان تۇنجى باش ۋەزىرى بولۇپ قالدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابىشىنزو ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىشكە ياردەم قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شۇ قېتىمقى زىيارەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغان. ئابىشىنزو ئىراندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ياپونىيەنىڭ بىر ماي پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدىكى ئومان قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

  ئامېرىكا شۇ قېتىمقى ھۇجۇم ۋە باشقا بىر نەچچە قېتىملىق ماي پاراخوتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئىرانغا دۆڭگەپ قويدى. ئىران بۇنى ئىنكار قىلىپ، بۇنى ئامېرىكىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى دەپ كۆرسەتتى.

  ئامېرىكا بۇلتۇر 5 - ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئىراننى جازالاشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىراننى ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇرلىماقچى بولدى.ئۇندىن باشقا كېلىشىمگە ئىمزا قويغۇچى بەش تەرەپ بۇ كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمنى قوغداشتا چىڭ تۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ