مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىنگاپور رايون مۇنبىرى ئۇل ئەسلە باشلىقلار يىغىنى بىر بەلباغ بىر يولغا دىققەت قىلدى

2019.08.20 16:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  5-نۆۋەتلىك سىنگاپور ۋە رايون سودا مۇنبىرى ۋە سىنگاپور ھەمدە رايون ئۇل ئەسلىھە باشلىقلار يىغىنى 8-ئاينىڭ 15 - ۋە 16 -كۈنى سىنگاپوردا ئېچىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەمدە « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى سىنگاپور سودا - سانائەت بىرلەشمە باش جەمئىيىتى ئۆتكۈزدى، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت، سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى. سىنگاپور دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى جاڭ جىشيەن مۇنداق دېدى : سىنگاپور جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان « بىر بەلباغ، بىر يول » تەشەببۇسىغا پائال قاتناشتى، ئىككى دۆلەت بۇ رايوندا ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىت يارىتىپ، جايلاردىكى ھەمكارلىق، شېرىكلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ