بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارتىيەلىرى، چەت ئەلدىكى مۇتەخەسسىسى ئالىملار يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن سۆز قىلىپ، شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى : چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىكى مەقسىتى جۇڭگو ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىنتايىن ئايرىم دۆلەتلەر مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە باشقا دۆلەتلەرگە قىلچە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى چەكلەش ئىستراتېگىيەسى ۋە زومىگەرلىكنىڭ ئىپادىسى، ئۇنىڭ جۇڭگونى چەكلىشى « ۋاسىتە تاللىمايدۇ »، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
چىلى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ئېدۋاردو ئاتتېس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق ئەنگلىيە، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، بىر قىسىم « شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى » كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئاز ساندىكى توپىلاڭچىلارنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.
گوللاندىيە - جۇڭگو سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى جوخۇم زىما مۇنداق دېدى : يېقىندا شياڭگاڭدا يۇز بەرگەن مالىمانچىلىقنىڭ زوراۋانلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، شياڭگاڭنىڭ رايون ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇشتەك ئوبرازى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك شەرق شۆيۆەنىنىڭ دوتسېنتى ئەنرى ساراپوف مۇنداق دېدى : شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ روشەن « رەڭلىك ئىنقىلاب » ئالاھىدىلىكى بار، « بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش » پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىك ئورنىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ئەڭ تەخىرسىز ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىپىسى زوراۋانلىقنى ۋە قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇلئەزىز سابانى مۇنداق دېدى : شياڭگاڭدىكى بىر قىسىم رادىكال نامايىشچىلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، يېقىندا يەنە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى، بۇ خىل قىلمىش قانۇنچىلىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلدى، كۆپ قىسىم شياڭگاڭلىقلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. شياڭگاڭ بالدۇرراق ئىزىغا چۈشۈپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
لىۋان پارتىيەسى ناسىرزىم مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.