ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىش كۇرىشى ئاخبارات ئۇرۇشى
ئىراقنىڭ شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال خافاجى شۇ كۈنى، ئىراقنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ قالدۇق قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى تازىلىدى دېگەن. خافاجى مۇنداق دېگەن : ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قالدۇق قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامما ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ، يەنە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش ئىقتىدارى بار ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىش جېڭى ئاخبارات ئۇرۇشى، ئاخبارات ئارقىلىق نىشاننى قامال قىلىپ، ئاندىن كونكرېت ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ