چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاۋشيەننىڭ يېڭىچە قوراللارنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشىگە يەنە بىر قېتىم يېتەكچىلىك قىلغان.
ئۆتكەن بىر مەزگىلدە چاۋشيەن ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتا كۆپ قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. چاۋشيەن 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئالتە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتا قاتارلىق قوراللارنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى.
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سۆز قىلىپ، كورىيە زۇڭتۇڭى مون جەيىننىڭ كورىيەنىڭ «ئازادلىق بايرىمى» كۈنى قىلغان سۆزىنى ئەيىبلىدى ھەمدە چاۋشيەن تەرەپنىڭ كورىيە بىلەن يەنە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : كورىيە تەرەپنىڭ ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سۆھبەت ۋەزىيىتى تەبىئىي يېتىپ كېلىدۇ دەپ قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ