مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ترامپ: بۇ توپتىنمۇ چېكىنىمەن، رۇسىيە: ياخشى ئىش

2019.08.20 16:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئورېسكىن، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشى، مەزكۇر تەشكىلاتقا نىسبەتەن ئەجەللىك ئىش ھېسابلانمايدۇ، بەلكىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بۇندىن ئىلگىرى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا نېفىت كارخانىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئەگەر زۆرۈر بولسا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرى پەقەت جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىن پايدىلىنىپ باي بولىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشىغا رۇخسەت بېرىش ھەقىقەتەن قاملاشمىغان قارار ئىكەن.

  ترامپنىڭ بۇ تەھدىتىگە قارىتا، ئورېسكىن مۇنداق دېگەن: بازارنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئۇنچىۋالا ئاپەت خاراكتېرلىك ئىش ئەمەس، ئەكسىچە، بۇ بەلكىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىنى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى نۆۋەتتىكى سودا سۆھبىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتىكى پىشكىسى دەپ قارايدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم «دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىمىز» دېيىشى ئەمەس.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە دۇنياۋى خاراكتېرلىك مېخانىزم يوق، ئامېرىكىغا ئوخشاش دۇنيا سودىسىغا قاتنىشىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

  ترامپنىڭ «دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىمىز» دېگەن تەھدىتىگە قارىتا، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنى ترامپنىڭ يەنە بىر نۆۋەت زۇڭتۇڭلۇقنى تالىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان.

  رۇسىيە دۆلەتلىك تەتقىقات خاراكتېرلىك داشۆسى ئالىي دەرىجىلىك ئىقتىساد شۆيۈەنى ياۋروپا ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تىموفى بورداچېۋ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى بۇ كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ترامپقا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ترامپقا بېلەت تاشلايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىغا قويغان چەكلىمىسىگە نارازى. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار دۇنيا سودا تەشكىلاتى قوشۇلمايدىغان دۆلەتنىڭ يۆلەش تەدبىرىگە ئېرىشمەكچى. شۇڭا بۇ ترامپقا سىياسىي جەھەتتە پايدىلىق، زىيىنى يوق».

  مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە زور تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ قارىغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم، لېكىن جۇڭگو ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ بولدى، بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولالمايدۇ».

  بورداچېۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشى دۇنيا سودىسىغا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا سودا تەشكىلاتى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە يېڭى مېخانىزم يارىتىش شەرتلىرىنى تېخىمۇ بالدۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.»
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ