مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:

سودا جىددىي ۋەزىيىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

2019.05.24 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت 21- چېسلا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سودا جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى، كۆپ دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە سودا ئىشەنچىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن دۇنيادا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىماقتا.

  «پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىگە نەزەرنىڭ 2019- يىللىق دوكلاتى»دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان بارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى ئاجىزلاشماقتا. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2019- يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتىدە %2.7 ئاستىلاش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ، يىل بېشىدىكى مۆلچەردىكىدىن تەخمىنەن %3 تۆۋەن بولىدىكەن.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: سودا سۈركىلىشى ھەل قىلىنمىغاچقا، تاموژنا بېجى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، 2019- يىلى دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2.7كە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، 2018- يىلىدىكى %3.4لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولغان. دەۋرىي ھالدا تاموژنا بېجىنى ئۆزئارا قوشۇپ ئېلىش مەسىلىسى ئەۋجئېلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئېكسپورتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش ئېففېكتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. خەلقئارا سودا پائالىيىتى ئۇزاق مۇددەت پەسكويغا چۈشۈپ قالسىمۇ مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىنىڭ ئاجىزلىشى تۈپەيلىدىن، يەر شارىدىكى ئاساسلىق مەركەز بانكىلىرى پۇل سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋەتتى. بۇ تەڭشەش يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ۋە كاپىتالنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ھالبۇكى، ئۇزاق مۇددەتكىچە پۇل سىياسىتىنى كەڭچىللىك بىلەن يولغا قويۇش نەتىجىسىدە، ھازىر پۇل مۇئامىلىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق كۈچەيمەكتە. بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قەرزنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك پۇل مۇئامىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئۆستۈرۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ب د ت نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ئېللوت خاررىس مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئېشىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە قاراتمىلىقى بولغان ھالدىكى تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. سىجىلچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى يەنە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى دېگەن مەسىلىدىن باشقا مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئۆلچەم كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىش كېرەك. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە باراۋەر بولماسلىق، بىخەتەر بولماسلىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى دېگەندەك مەسىلىلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ