9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك دەۋر مەيدانىدا، جاچ چاڭجۈن چامباشچىلىق كوماندىسىدىن كەلگەن ئەزالار «كوللېكتىپ گۇمپىسى»نى كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جۇڭگو دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە خەلقئارا چامباشچىلىق بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىناق بولۇش، ساغلام بولۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان چامباشچىلىق ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە ئون نەپەر جۇڭگولۇق مۇنەۋۋەر چامباشچىلىق تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئامېرىكىلىق چامباشچىلىق ھەۋەسكارلىرى بىرلىكتە بۇ يەردە تاماشىبىنلارغا تەيجى گۇمپىسى، تەيجى يەلپۈگۈچى، تەيجى مەشىقى ۋە كوللېكتىپ گۇمپىسى قاتارلىق ئويۇنلارنى تاماشىبىنلارغا سۇندى، شۇ ئارقىلىق، جۇڭگو گۇمپىسىنىڭ مەدەنىيەت قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى