- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو، ئامېرىكا، تايلاند ئارمىيەسى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى تاماملىدى
2015.02.25 13:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تايلاند چېگراسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئالتۇن رەڭلىك كۆزئەينەكلىك يىلان» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 20-فېۋرال ئاياغلاشتى. بۇ ئارىدا جۇڭگو، ئامېرىكا، تايلاند ئارمىيەلىرى بۇ مانېۋىر رامكىسىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش مەشىقىنى تاماملىدى.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 9-فېۋرال باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ، تايلاند، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 20 مىڭغا يېقىن ئوفىتسېر ئەسكىرى مانېۋىرغا قاتناشتى. «ئالتۇن رەڭلىك كۆزئەينەكلىك يىلان» ناملىق مانېۋىر تايلاند بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان يىللىق مېخانىزم خاراكتېردىكى كۆپ تەرەپلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ، بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ بىرى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر