باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىن %16چۈشۈپ، بەش يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولدى

2015.02.25 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 87-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ ۋاقتى 23-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن (ئامېرىكا شۇيەر ۋاقتى 22-فېۋرال كەچتە) لوس-ئانژېلىستىكى دۇبى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  24-فېۋرال نېلسىن سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈلۈشى 36مىليون 600مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى 43مىليون 700مىڭ ئادەم قېتىمدىن %16چۈشكەن، 18ياشتىن 49ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىچىدە بۇ سان %20كە يېقىن چۈشكەن. بۇ كۆرۈلۈش نىسبىتى بەش يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولغان. ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى قىزغىنلىقىمۇ بىر ئاز چۈشكەن. تۋىتتىردا جەمئىي 5مىليون 900مىڭ تال ئۇچۇر يوللانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى 11مىليون 200مىڭ تالدىن خېلىلا ئاز بولغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر