- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىڭ يىللىق بۇت ئىچىدىن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان راھىب بايقالدى
2015.02.25 13:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئالىملار مىڭ يىللىق بۇتنىڭ ئىچىدىن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بىر راھىبنى بايقىغان، بۇ راھىبنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلگەن ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بۇتنىڭ تارىخىنى 11-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن، ھازىرغىچىلىك 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. ئالىملار CT ئاپپاراتى ئارقىلىق بۇ راھىب موميانىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. كەينىدىن بۇ بۇت ۋېنگىرىيە تەبىئىي مۇزېيىغا ئاپىرىپ قويۇلغان بولۇپ، تاكى 2015-يىل مايغىچە شۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ موميا يوللىغ تايشىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، موميانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر