شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-فېۋرال سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇقلىن بىن ئابدۇللا ئەزىز ئەلشاتنېر پايتەخت رىيادتىكى پادىشاھ ئوردىسىدا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-فېۋرال سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇقلىن بىن ئابدۇللا ئەزىز ئەلشاتنېر پايتەخت رىيادتىكى پادىشاھ ئوردىسىدا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز بىلەن كۆرۈشكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي مۇھاپىزەت ۋەزىرى مۇتىئاب، رىياد ئوبلاستىنىڭ باشلىقى فېسار قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت ھەققىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقبالى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.