باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايشىيا قاتناش مىنىستىرلىقى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تېلېفوندا «خەيرلىك كەچ، مالايشىيا 370» دېيىشكەنلىكىنى ئېيتتى

2014.04.02 10:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مالايشىيا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ 31-چېسلا ئېلان قىلغان باياناتىدا دېيىلىشىچە، مالايشىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسى بىلەن يەر يۈزى كونترول مەركىزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تېلېفونلاشقان ۋاقىت 8-چېسلا سەھەر سائەت 1:19 مىنۇت ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار تېلېفوندا «خەيرلىك كەچ، مالايشيا 370» دېيىشكەن.

  باياناتتا دېيىلىشىچە، مالايشىيا دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسى قايتۇرغان ئاخىرقى قېتىملىق سۆزنىڭ باش ليۇتچىك قايتۇرغانلىقىنى ياكى ياردەمچى ليۇتچىك قايتۇرغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە. قاتناش مىنىسترلىقى مىنىستىرى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا بارلىق تېلېفونلىشىش خاتىرىسىنى ئاشكارىلاشقا كۆرسەتمە بەرگەن، بۇ خاتىرە سۆز يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېچىلغان چۈشەندۈرۈش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىكەن.

  ئىلگىرىكى مەلۇماتتا، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمچىسىدىن قايتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆز «بولىدۇ، خەيرلىك كەچ» دېيىلگەن ھەمدە مالايشىيا ئاۋىئاتسىيەسىمۇ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن بۇ سۆزنى ياردەمچى ليوتچىك قايتۇرغان، دېگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر