باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابى شىنزو ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن دېدى

2013.10.16 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو تۆنۈگۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇتۇقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىمىز.

  ئابى شىنزو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت پۇل پاخاللىشىشتىن قۇتۇلۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى داۋاملىق نىشان قىلىدۇ. بۇندىن كېيىنكى ئۈچ يىل «مەركەزلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇددىتى» بولىدۇ. باج تۈزۈمى، خامچوت، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئېلىكتىر قۇۋۋىتى سېستىمىسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، ئېنېرگىيە بازىرى ئېچىۋېتىلىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىكى يېتەرسىز مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ؛ «دېھقانچىلىق يەرلىرى توپلانما بانكىسى» تەسىس قىلىنىپ، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر،ناھىيەلەرگە دېھقانچىلىق يەرلىرىنى مەركەزلىك ئىجارىگە بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تەننەرخىنى ئازايتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئۆستۈرىلىدۇ، كەلگۈسى 10 يىلدا يېزا ئىگىلىگى، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلىدۇ؛ «تېنچ ئوكيان ھالقىغان ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىمىشى» ئالاقىسىدە يادرولۇق رولى جارىي قىلدۇرۇپ، يىل ئىچىدە ئالاقىدار كېلىشىم تۈزۈشكە تۆھپە قوشىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر