باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار بەش تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى

2013.10.14 17:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتى ئۇنۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئوق چىقىرىش ھۇجۇمىغا ئۇچراش دېولوسى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر دەسلەپكى سوتنى ئاياقلاشتۇردى. سوت ئەمەلدارى جىنايەت گۇماندارى بائىنىس بىلەن بوردىننى بەش تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەشكە ئىسپات يېتەرلىك دېدى.

  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا لوس ئانژىلىس جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتى ئۇنۋېرسىتېتىغا يېقىن جايدىكى رىموند يولىدا بىر قېتىملىق ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەن، جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېنىستېتوتى ئېلېكتېرون قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىسى چۇي مىڭ ۋە ۋۇيىڭ ھۇجۇمدا ئوق تېگىپ قازا قىلغان. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاقلىغۇچى تەرەپ ئادۋوكاتىنىڭ كۆپ قېتىملىق مۆھلەتنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىدىن كېيىن يۈز بەرگىنىگە بىر يېرىم يىل بولغان بۇ دېلو ئەڭ ئاخىرى دەسلەپكى سوت تەرتىپىنى باشلىغان.

  لوس ئانژىلىس جىنايى ئىشلار سوتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرىقى بىر نەپەر شاھىتنى سوتقا چاقىرىغان، تەپتىش تەرەپ ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز بايان قىلغان.

  سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش تەرەپنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئىش يۈز بەرگەن جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر شۇ كۈنى دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى بارلىقىغا گۇۋاھ بولغان، چۇي مىڭ ۋە ۋۇ يىڭنىڭ يان تېلېفۇنىمۇ پائىنىسنىڭ موھىم جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇندىن باشقا با.ىنىسنىڭ قىز دوستىمۇ سوتتا گۇۋاھلىق بېرىپ، بائىنىسنىڭ ئىلگىرى ئوق چىقىرىش ئارقىلىق يان تېلېفۇن بۇلاش ئىشىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

  ساقچى تەرەپ نازارەت قىلىپ ئاڭلىغان بىر تېلېفۇن خاتىرىسىدە بائىنىس ۋە بوردىن ئىلگىرى بىر كۈنى ئاخشىمى ئىككى ئاسىيالىققا ئوق چىقارغانلىق ئىشىنى تىلغا ئالغان.

  ماكىس مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بائىنىس ۋە بوردىندىن ئىبارەت ئىككى جىنايەت گۇماندارى بەش تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىلىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى چۇي مىڭ ۋە ۋۇ يىڭنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى باشقا بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاۋئىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق.

  سوت مەھكىمىسى يەنە ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر