- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت سۇرىيەنىڭ «خېمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»گە كىرىش ئىلتىماس ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالدى
2013.09.13 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت تەرەپ 12-سىنتەبىر سۇرىيەنىڭ «خېمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»گە كىرىش ئىلتىماس ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ سۇرىيەنىڭ خېمىيەلىك قوراللارنى تاپشۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاكې شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ب د ت سۇرىيە تاپشۇرغان «خېمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»گە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىكى ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ ھۆججەت ھازىر تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، ب د ت تەرەپمۇ بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. (بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان