باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

كۇچا ناھىيىسىدە « ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش » قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2014.12.08 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : 27- نويابىر چۈشتىن كېيىن كۇچا ناھىيىسىدە « ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش » قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارە ، ئورۇنلاردىن تاللانغان 10 نەپەر ماھىر « دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسى »نىڭ خەلققە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنىنى ئاممىباپ ،جانلىق تىللار ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق سۆزلەپ ، پائالىيەتكە قاتناشقان 1000 دىن ئارتۇق كادىر ، ئاممىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى . مۇسابىقە ئاخىردا ماھىرلار تۆت دەرىجە بۇيىچە 5000 يۈەن ، 3000 يۈەن ، 2000 يۈەن ۋە 1000 يۈەن نەق پۇل ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  مۇخبىر: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر