خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:6-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، سىرتتىن كەلگەن تۆت ئەر ئىشلەمچىلىك قىلىپ مائاشىنى ئالالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، شاپىڭبا سەنشيا مەيدانىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا، شەھەر ئاھالىسى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. ساقچى بۇ تۆتەيلەننى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى ، ئۆيگە قايتىدىغان پۇلى يوق دېگەن بۇ تۆت ئىشلەمچى، نەنچاڭدىن ئايروپىلان ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭغا تىلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ يان تېلېفونى ئالما 6 Plusئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى