مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇرازىيە كىشىلىك ھاياتىنىڭ يەنە بىر دېرىزىسىنى ئاچتى

2019.10.24 16:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، جېڭ جو

  «تۈنۈگۈن ئىش ئۈنۈمىڭىز ناھايىتى يۇقىرى بولدى، ۋەزىپىنى بالدۇرلا تاماملىدىڭىز، بۈگۈن داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ.» «سىز ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپلا قىيسىيىپ قالىدىكەنسىز، بۇنداق ھالەتتە ئاسانلا ھېرىپ قالىسىز، تۈز ئولتۇرۇڭ.» 8- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ 2- نومۇرلۇق سېخىدا، گۇرۇپپا باشلىقى بۇرازىيە بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن توختىماستىن خىزمەتداشلىرىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى، قارىماققا چېھرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، سالماقلىق چىقىپ تۇراتتى.

  «مەن بۇلتۇر 8- ئايدا خوتەن شەھىرى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىشنى تاماملاپلا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، يېقىندا بۇ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا يۆتكىلىپلا كۆپچىلىك بىلەن چىقىشىپ كەتتىم، خىزمەت ئوڭۇشلۇق قانات يېيىۋاتىدۇ.» بۇرازىيە مۇخبىرلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يېپيېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

  ■ ئۆگىنىش مۇھىتى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ

  «ئۆگىنىشنى تاماملىغىنىمغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، تۇنجى كۈنى تەربىيەلەش مەركىزىگە بېرىپ ئوقۇغان چاغدىكى ھالەت ھېلىمۇ چوڭقۇر ئېسىمدە.» بۇرازىيە مۇنداق دېدى: كەڭرى مەيدان، يورۇق سىنىپ، پاكىز ياتاق، مەززىلىك پۇراققا تولغان ئاشخانا، ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

  بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بۇرازىيە خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرىدىن، كىچىكىدىن ئۆگىنىش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنىدى. «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئىلغار ئىدى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، غەمخورلۇق قىلاتتى. قىشلىق تەتىلدە بىز ئۆيگە قايتمايتتۇق، مەكتەپ يەنە بىزنى ساياھەتكە تەشكىللەپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتەتتى. مەن يەنە شاڭخەي، نەنجىڭدەك چوڭ شەھەرلەرگە بارغان.» شۇ چاغدىكى بۇرازىيە كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇغا تولغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.

  2012- يىلى، بۇرازىيە شەندۇڭدىكى بىر داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنىدى، ئۇ گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقاندا، ھەممە بىردىنلا توختاپ قالدى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دادىسى قىز بالىنى ئوقۇتقاننىڭ پايدىسى يوق، ئەڭ ياخشىسى ئۆيگە قايتىپ بالدۇرراق ياتلىق بولۇپ، ئېرىگە ياردەملىشىپ بالا تەربىيەلىگەن تۈزۈك دەپ قارىغان. دادىسى بىلەن بىرنەچچە قېتىم «سۆھبەتلىشىپ» نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇ ئامالسىز خوتەنگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ توي قىلىپ، ئائىلە ئايالىلىق تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  دادىسىنىڭ تەسىرىدە، بۇرازىيە نىقابلىق كىيىم كىيىپ، يۈزىنى ئوراپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملاندى، يەنە بىرمەھەل تارقاتقۇچىغا ئايلاندى. ئۇ پەيدىنپەي سىرت بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدىغان، كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى، ئىلگىرىكى ياخشى دوستلىرى، ساۋاقداشلىرىدىنمۇ بارغانسېرى يىراقلاشتى، تۇرمۇشى بارغانسېرى چەكلىمىگە ئۇچرىدى ۋە بېكىنمە بولۇپ قالدى.

  «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە قانۇن ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىمنى تونۇپ يەتتىم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇدۇم. ئەسەبىي ئۇنسۇرلار <مەن ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن> دېگەن نامدا بىزگە يېقىنلىشىپ، بىزنى يۇقۇملاندۇردى، مەقسىتى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش، بىزنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىشتىن ئىبارەت» دېدى بۇرازىيە.

  ئۆگىنىش مەزگىلىدە، بۇرازىيە قانۇن دەرسىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىدى، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ھەر ھەپتىدە قانۇندىن مەخسۇس لېكسىيە ئورۇنلاشتۇراتتى، ئۇ كۈچلۈك ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ، ئىدىيەسىدىكى گاڭگىراشلىرىنى بىر - بىرلەپ يەشتى. ئۇ يەنە تىككۈچىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش دەرسىنى ياقتۇرۇپ قالدى، چۈنكى تېخنىكا ئىگىلىگەندە كىشىلىك ھاياتنىڭ يەنە بىر دېرىزىسىنى ئاچقىلى بولاتتى.

  ■ تىرىشىپ ئىشلىگەندە خاتىرجەملىك ھېس قىلغىلى بولىدۇ

  سېخ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا، مۇخبىرلار ئۈچ قەۋەتلىك بىر جازىنى كۆردى، ئۈستىگە «ئىستاكان قويۇش ئورنى» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، ھەرخىل ئىستاكانلار قويۇلغانىدى. مۇخبىرلارنىڭ گۇمان بىلەن قاراشلىرىنى كۆرگەن بۇرازىيە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق چۈشەندۈردى: بۇ، خىزمەتداشلىرىم سۇ ئىچىدىغان ئىستاكانلار، بەلگىلىمە بويىچە ئىستاكانلارنى سېخقا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ، ئۇسسىغاندا كۆپچىلىك ئىشىك ئالدىدا سۇ ئىچىدۇ. «بۇنىڭدىكى سەۋەب، سۇنىڭ خىزمەت سۇپىسىغا چاچراپ كېتىپ توك قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بىز مەشغۇلات تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ باشقۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ھادىسە يۈزبېرىشتىن ساقلىنىمىز».

  گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇرازىيە 30 نەچچە ئىشچىنى باشقۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە، يەنە قوشۇمچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل. بۇ مەزگىلدە، سېختا بوۋاقلارنىڭ تىۋىتلىق تۇتاش كىيىمى تىكىلدى، كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ئىشلىدى.

  ھەر كۈنى ئەتىگەندە، بۇرازىيە موتوسىكلىت مىنىپ ئىشقا بارىدۇ، يولدا قانداق قىلغاندا كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى قوزغاتقىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. سېخقا بارغاندىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە خىزمەت تەقسىملەيدۇ، كۈندىلىك نىشان مەھسۇلات مىقدارى 300 قۇر بولۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئىش ھالقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بەزى ئىش ھالقىلىرىغا ئىككى ئادەم يېتىشىدۇ، بەزىلىرى تۆت - بەش ئادەمگە ئېھتىياجلىق، مۇرەككەپ ئىش ھالقىلىرى سەككىز ئەتراپىدا ئادەمگە ئېھتىياجلىق. مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندىلا ئاندىن سۈرئەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاساسەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىزمەتنى تاماملاپ، ئوڭۇشلۇق ئىشتىن چۈشۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

  «مەن دائىم كۆپچىلىكنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىمەن.» بۇرازىيەنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشتە ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بار، خىزمەتداشلىرىنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئۇ: نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىشلىمەيسىز، نەدىن چاتاق چىقتى، ماڭا ئېيتىڭ، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن، دەيتتى. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە سەمىمىيلىكى نەتىجىسىدە، سېختا ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان خىزمەت كەيپىياتى بارلىققا كەلدى.

  «بۇرازىيە خىزمەتتە ئەستايىدىل، ئىقتىدارلىق، مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم.» بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن مەمەتئېلى تۇنىياز ئىش قىلىشتا ئايال ئىشچىلاردىنمۇ قولى چاققان، ئىنچىكە بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك بۇ گۇرۇپپا باشلىقىغا ناھايىتى قايىل، ئەڭ قايىل بولىدىغىنى ئۇنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە چىدامچانلىقى ئىدى.

  ■ چوقۇم بالامنى ياخشى تەربىيەلەيمەن

  «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن سۈپەت باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم ھەم تۈرلۈك ماشىنىلاردا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، چاك تارتىش ماشىنىسى، چولاش ماشىنىسى، تۈگمە قاداش ماشىنىسى، چىگىش ماشىنىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىمەن» دېدى بۇرازىيە مۇخبىرلارغا بارماقلىرى بىلەن ساناپ كۆرسىتىپ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا.

  سېخ مەسئۇلى تاڭ رېناۋ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇرازىيە پۇتۇڭخۇانى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ، تېخنىكىغا پىششىق، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇرەككەپ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. «چۈنكى مېنىڭ ئارزۇيۇم بار، ئارزۇغا قاراپ تىرىشىشىم كېرەك» دېدى بۇرازىيە.

  بۇرازىيەنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى، پۈتۈن ئائىلىدىكى بەش جان ئادەم يەتتە مو يەرنىڭ كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى تەستە قامدايتتى. ھەر يىلى تېرىغان زىرائەت پەقەت يېيىشكىلا يېتەتتى، ھېچقانچە پۇلغا ساتقىلى بولمايتتى. يەرگە كىرىشتۈرۈپ تىككەن ياڭاق دەرىخىدىن ھەر يىلى كېلىدىغان 5000 - 4000 يۈەن كىرىم ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئىدى. «ھازىر مەن ئايدا 1500 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىمەن، ئېرىممۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ، ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېدى ئۇ.

  ھەر كۈنى چۈشتە، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتىدا چۈشلۈك تاماق يەيدۇ، پولۇ، مىفەن، قورۇما قاتارلىقلار بار بولۇپ، گۆش بىلەن كۆكتات ماسلاشتۇرۇلغان، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە كەچلىك تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، «ئېرىم لەڭمەنگە ئامراق، دائىم مۇشۇ تاماقنى ئېتىمەن.» بىر ئائىلە كىشىلىرى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ لەڭمەن يەپ، خۇشاللىققا چۆمدى.

  بۇرازىيەنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى كۆپرەك پۇل تېپىش. «مېنى چاكىنا ئىكەن دەپ قالماڭ.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئېرى بىلەن بىرلىكتە قىزىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، كەلگۈسىدە بالىسىنى ئالىي مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىل بەش ياشقا كىرگەن قىزى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تەسىرىدە ئوقۇشقا بەك تەلپۈنىدىغان بولدى، كىچىك سومكا ئېسىشنى، قىزىل گالىستۇك تاقاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  «قىزىمنىڭ مېنىڭ ئەپسۇسلۇقلىرىمنى تولۇقلاپ، كەلگۈسىدە ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» بۇرازىيە مۇنداق دېدى: چوقۇم بالامنى ياخشى تەربىيەلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەۋلادلارنى زەھەرلىشىگە يول قويمايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ