مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن 11نى تاقىدى ۋە ئىشتىن توختاتتى

2019.08.22 16:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋىرى. مۇخبىر يۈ شىننىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە: ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت كارخانىنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن 11 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تاقالغان ھەمدە ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنە ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ چۇۋۇۋېتىش خىزمىتى تاماملانغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا، بۇلتۇردىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت كارخانىنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان جەمئىي 206 مىڭ كىلوۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقاپ ۋە ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ چۇۋۇپ تاشلاپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىدى.

  7-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، بۇ زاۋۇتنىڭ 25 مېگاۋاتلىق كۆمۈر يېقىلغۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئىككىسىنىڭ چۇۋۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ