مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى يەتتە نەپەر تېببىي خادىم مەملىكەت بويىچە تەقدىرلەندى

2019.08.21 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئېچىلغان 2- قېتىملىق جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە نەپەر تېببىي خادىم تەقدىرلەنگەن. 2-قېتىملىق جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېببىي خىزمەت ئىشچىلىرىدىن ۋاڭ خەيجياڭ، دىڭ گۈيفېڭ ۋە ليۇ خوۋاڭ (شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن)، لۇ چېن قاتارلىقلار «بېتيوندەك ياخشى دوختۇر» دېگەن نامغا ئېرىشتى، سۈن خۇڭ، چېن شۆيى ۋە ياڭ جۈن «بېتيوندەك ياخشى دوختۇر» دېگەن نامغا ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يىغىندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق دوختۇرلار ۋەكىلى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈچۈن ئورتاق قەسەم بېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلار دوختۇرلارنىڭ قەسەم سۆزلىرىنى ئەسلەش، بىرىنچى سەپتىكى دوختۇرلاردىن ھال سوراش، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە دوختۇرخانا ئىچىدىكى «ئەڭ گۈزەل دوختۇر»نى تەقدىرلەش قاتارلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ