باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە- شەھەرلەرگە 4000دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ

2017.03.06 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىدە 4000 ئادەم تاللاش پىلانلاندى، ئاساسلىقى 2012-يىلىدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە قارىتا دائىرىنى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرگىمۇ كېڭەيتتى.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، ئىمتىھان قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتكەن، تەربىيەلەشكە قاتنىشىشى جەزملەشتۈرۈلگەن خادىملار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن تەربىيەلەش كېلىشىمى تۈزىدىكەن، ھەقسىز تەربىيەلەش سىنىقىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئىش ئورنىغا چىقىدىكەن.

  كونكرېتنى ئىش ئورۇنلىرىنى جايلاردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار ماسلاشتۇرىدىكەن، پۇقراۋى كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشنى تاماملاشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيەلەش پىلانى بويىچە كارخانىلارغا 2500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، 1500 كىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىكەن. تەربىيەلىنىشنى خالايدىغان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز جايىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا دىققەت قىلسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەربىيەلەش ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدىكەن، شىنجاڭ ئىچىدە تەربىيەلەشتىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە- شەھەرلەردىن تاللىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر