خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 28- ئىيۇل كۈندۈزدىن 2- ئاۋغۇست كېچىگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆل-يېغىن سىستېمىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىر قېتىم غەربتىن شەرققە قارىتا كۆرۈنەرلىك يامغۇر ياغدىكەن، ھەر قايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃ 7 - 8 تۆۋەنلەيدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى دەرياسى بويلىرى، بورتالا ئوبلاستى، تاشقورغان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرق قىسمى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قارا يامغۇر ياغىدۇ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە كەلگۈسىدە 29- ئىيۇل كېچىدىن 31- ئىيۇل كېچىگىچە، تارقاق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياكى گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر يىغىدۇ؛ 1- ئاۋغۇست كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شەھەر ئىچى رايونى،جەنۇبىي تاغ، شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا قارا يامغۇر، دائىرىلىك قارا يامغۇر ياغىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىستانسىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تەڭرىتاغ ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر كۆپ يېغىپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، قىيا سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەر، ئوتتۇرا، كىچىك دەريالاردا كەلكۈن كىلىش ۋە شەھەر-يېزىلاردا يىغىلىپ قالغان سۇ ئاپىتى قاتارلىقلار يۈز بېرىپ، يول-قاتناش، سۇ ئىنشىئاتى مۇئەسسەسەلىرى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، شەھەر قاتنىشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەككەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى