خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەخمەتجان ئىدىرىس خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئونسۇ تومۇرچوققا چوڭ جىلغىسىنىڭ دۆلەت A4 دەرجىلىك سەيلىگاھ بولۇپ باھالانغانلىقى توغرىسىدا خوش-خەۋەر تارقالدى. ئونسۇ تومۇر چوڭ جىلغىسى-تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىستېتىك قىممىتى ئەڭ يوقىرى بولغان قىزىل قاتلاملىق جىلغا بولۇپ، «جىلغا شاھى» دېگەن گۈزەل نامى بار.
بۇ قېتىم تومۇرچوققا چوڭ جىلغىسى سەيلىگاھى دەرجىسىنىڭ دۆلەت A4 دەرجىلىك سەيلىگاھقا كۈتۈرۈلگەنلىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى، جۈملىدىن ئونسۇ ناھىيەسىدىكى A4 دەرجىلىك سەيلىگاھلار ئۈچۈن يېڭى سەھپە ئېچىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۈتۈردى.
ھازىرغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دۆلەت A دەرجىلىك سەيلىگاھتىن 24 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە A4 دەرىجىلىكتىن يەتتىسى بار.
سۈرەتتە: جىلغىنىڭ كۆرۈنۈشى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى