باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا گۈزەل مۇھىت يارىتايلى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» دىن خاتىرىلەر (2)

2016.06.08 14:24   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» دىن خاتىرىلەر (2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد)

  31 - ماي چۈشتىن كېيىن «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۇچا ناھىيەسىدىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1 - دىۋىزىيەسىنىڭ ئارال شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئاپتوموبىل كۇچا ناھىيە تەۋەسىدىن شايار ناھىيەسى تەۋەسىگە ئەمدىلا كىرىشىمىزگە، بىزگە يول بويىدا نۇرغۇن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ توغراقلىقلارنى قومۇرۇپ، يەر يۈزىنى تەكشىلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. مۇئاۋىن مۇدىر ئىنئام نەسىردىن بۇنى كۆرۈپ دەرھال ئاپتوموبىلدا بىرگە مېڭىۋاتقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى نىياز ھاشىمدىن:

  ___ نىياز ۋالىي بۇ نىمە ئىش؟، توغراقلىقلارنى قەتئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا بولمايتتىغۇ؟- دەپ كەسكىنلا سورىدى.

  ___ ئىنئام مۇدىر، بۇ شايار ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ مولۇق قۇملۇقنى تىزگىنلەش ئىھاتە ئورمانلىقى قۇرۇلۇشى، بۇ قۇرۇلۇش بۇلتۇر باشلانغان، 2018 - يىلىغىچە تاماملىنىدۇ،- دېدى نىياز ھاشىم چۈشەندۈرۈپ.

  شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال شايار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن تېلېفۇندا ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىشنىڭ باش - ئاخىرىنى ئىگىلىدىم. ئىگىلىشىمچە، شايار ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى ئورمانلىق كۆلىمى 4 مىليون 418 مىڭ 100 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليون 184 مىڭ مو يەردە توغراقلىق بار ئىكەن. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ توغراقلىقلارنى قوغداش، قانۇنسىز كېسىش، يەر ئېچىشنى چەكلەش، توغراقلىقلاردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، يول بويىدىكى يېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈك قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قۇم - بورانلىق ھاۋارايى نىسبىتىنى تېخىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن ئۆلكە تاشيولى 210 – لىنىيەسى بويىغا دەرەخ تىكىپ، يېشىللىق بەلبېغى بەرپا قىلىشنى ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قىلىپ بېكىتكەن ھەم 2 - فېرمىدىن تارىم دەرياسى شايار چوڭ كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئۆلكە تاشيولى 210 - لىنىيەسى قىرغىقىدا ئۇزۇنلۇقى 12 كىلومېتىر، كەڭلىكى 240 مېتىر كېلىدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئېكولوگىيە ئورمانلىقى بەرپا قىلماقچى بولغان، ھازىرغىچە 4324 مو يەرگە 2 مىليون 880 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلىپ بولۇنغان.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، بىز ئارال شەھىرىدىكى كۆرۈدىغان تۇنجى نۇقتىمىز بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى «يىلى» گۇرۇھىنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدۇق.

  ___ بۇ تۈر «يىلى» گۇرۇھىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ قۇبۇچ قۇملۇقىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆز ئەينى بولغاچقا، ئوخشاش ئىسىمدا قۇبۇچ ئۇسلۇبى، دەپ ئاتالغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان بۇ قۇرۇلۇش ئارال تەۋەسىدە 2025 - يىلىغىچە 1 مىليون مو قۇملۇقتا ئېلىپ بېرىلماقچى، ھازىرغىچە دەسلەپكى قەدەمدە 46 مىڭ مو يەرگە يېپىنچا ئۆسۈملۈك تېرىلىپ، قۇملۇق ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى،- دېدى 1 - دېۋىزىيە پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئارال شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن شىنچۈن ئىنئام نەسىردىنگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.

  ئىگىلىشىمچە، قۇبۇچ تۈرىدە ئۈچ بايلىقدىن تولۇق پايدىلىنىلغان، يەنى كەڭ كەتكەن قۇملۇق بايلىقى، قۇياش نۇرى بايلىقى ۋە مول يەر ئاستى تۇزلۇق سۇ بايلىقى بولۇپ، بۇ يەردە ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلغان. قۇبۇچ تۈرىدە قۇملۇققا چۈچۈكبۇيا تېرىلىپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ دورا، ساغلاملىق ئىچىملىكى ياساپ، ئۇنىڭ چىقىرىندىلىرىدىن چۈچۈكبۇيا سېلوسى ياساپ مال بورداپ، بىر جەھەتتىن قۇملۇقنى تىزگىنلەشتە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشتا قوش ئۈنۈم يارىتىلغان. ئۇنىڭ ئېكلوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى، مۇھىتنى ئاسراشتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولغان.

  ___ بىز بۇ قۇملۇقنىڭ تىزگىنلىنىپ، يېشىللىشىپ يەنە بىرقانچە يىللاردىن كېيىن باغۇ - بوستانلىققا ئايلىنىشىنى، قۇم - بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئازىيىپ، خەلقكە بەخت - سائادەت يارىتىلىشىنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلىمىز،- دېدى ئىنئام نەسىردىن سۈن شىنچۈنگە.

  ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، يېزا ئىگىلىك 1-دېۋىزىيە ئارال شەھەرلىك 11-تۇەن (گۈلكۆۋرۈك بازىرى) مەيدانى مەسچىتىنىڭ ياردەمچى ئىمامى ئەمەر دانى مۇنداق دېدى:

  — ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ تۆت ئەۋلاد مۇشۇ جايدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمىز. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تەۋەلىكىمىز مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قۇمنى تىزگىنلەپ يېشىللىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىدىغان چۈچۈكبۇيا، يۇلغۇن قاتارلىقلارنى تېرىپ ۋە تىكىپ، ھازىرقىدەك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تەۋەلىكىمىزدىكى تېرىلغۇ يەرلەر كېۋەز تېرىشقا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، كېۋەز بىلەن چىلاندىن كىرىدىغان يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ يېقىن تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا ھەرۋاقىت تەييارمىز.

  1- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بىز ئارال شەھەرلىك «شېڭيۈەن» كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە باردۇق. ئاندىن ئارال شەھەرلىك پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بېرىپ، ئىككى ئورۇننىڭ بۇلغىما سۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى كۆردۇق، ئاندىن ئاقسۇ شەھىرى تەۋەسىگە كىرىپ، 1 - دىۋىزىيەگە قاراشلىق «شۈگۇاڭ» گۇرۇھى ئاقسۇ پار - ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىگە كەلدۇق. شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا ئىككى ئېگىز تۇرخۇن بولۇپ، بىرسىدە ئاق ئىس چىقىۋاتاتتى، يەنە بىرسىدە ئىس يوق ئىدى.

  ___ بۇ بىزنىڭ بۇلتۇر ئىشقا كىرۈشتۈرگەن يېڭى ئېلېكتىر گېنېراتور گۇرۇپپىسى، ئەسلىدىكى ماۋۇ گۇرۇپپىنىڭ چىقىرىندا قويۇپ بېرىشى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىدىن توختىتىۋېتىلدى،- دېدى 1 - دىۋىزىيە، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تيې جيې ئىنئام نەسىردىنگە،- ئاۋۇ 210 مېتىرلىق تۇرخۇندىن چىقىۋاتقان ئىسنىڭ %92 سى پار.

  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شىخۇ يولىغا جايلاشقان ئاقسۇ پار - ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى 1995 - يىلى مايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1996 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر رەسمىي توك تارقىتىشنى باشلىغان، ئىككى دانە 12 مىڭ ۋولتلۇق گېنېراتور سەپلەنگەن بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونى 129 مىڭ 60 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يېشىللىق كۆلىمى 77 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. 2002 - يىلى دىۋىزىيە ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ھەمكارلىقى رەسمىي باشلىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توك، 1 مىليون 150 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى يېرىنى ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى %65 پار قازىنى ئەمەلدىن قېلىپ، شەھەر مۇھىتىنىڭ ساپلىشىغا زور دەرىجىدە كۈچ چىقارغان.

  ئىگىلىشىمچە، 2014 - يىلى دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يېڭى «پار قازانلىرىنىڭ ئاتموسفېراغا چىقىرىندى ماددا قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى» گە بىنائەن، ئاقسۇ پار - ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى گېنېراتور گۇرۇپپىسى ئۈسكۈنىلىرى كونا، يېڭىدىن تۈزۈلگەن چىقىرىندا ماددا قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتىن، ئىشتىن توختىتىلغان. 2015 - يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان 50 مىڭ ۋولتلۇق گېنېراتور گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى 12 مىڭ ۋولتلۇق گېنېراتور گۇرۇپپىسى مەڭگۈلۈك خىزمەتتىن توختىلىپ «پېنسىيىگە» چىققان. بۇ شىركەتنىڭ ھازىرقى گېنېراتور گۇرۇپپىسىدىن چىققان بۇلغىمىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى 1 - دىۋىزىيەدىلا ئەمەس، پۈتكۈل بىڭتۈەن سىستېمىسى، ھەتتا شىنجاڭ بويىچىمۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدا ئىكەن.

  2- ئىيۇن ئەتىگەندە يولغا چىقىپ 2 سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كۆكيار باشقۇرۇش رايونى ئاتئويناق كەنتى تەۋەسىدىكى جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىمالىي ئىشلەپچىقىرىش رايونى «شېنمۇ -2» نېفت قۇدۇقى مەشغۇلات رايونىغا كەلدۇق.

  ئىنئام نەسىردىن شىركەت پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مۇھەممەت ئوسماندىن بۇ مەشغۇلات ئورنىنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن نېفت بىرتەرەپ قىلىش، تەبىئىي گازنى بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ دۇنياۋى ئىلغار سىستېما ئىكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن چوڭ پايدىدىن ۋاز كېچىپ، ئاز پايدىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، كۆپ پۇلنى مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئىشلىتىپ، چىقىرىلغان چىقىرىندىلارنى مەشغۇلات رايونىدىن باي ناھىيەسىدىكى بىرتەرەپ قىلىش ئورنىغا توشۇپ ئاپىرىپ، كەسپىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلغانلىقىنى، مەشغۇلات ئورنىنىڭ ھېچقانداق مۇھىت بۇلغىنىشىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، ئەتراپتىكى كەنتتىكى ئاممىنىڭ مۇھىت ھەققىدە ھېچقانداق نارازىلىقى يوقلۇقىنى ئىگىلەپ، ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتى» خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي مەردان مۇقىيىتتىن ئىگىلىشىمچە، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى، سۇ مۇھىتى، شاۋقۇن مۇھىتى مۇقىم بولغان، ئاتموسفېرا سۈپىتى 2 - دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان ھاۋارايى %60 دىن يۇقىرى بولغان. PM10 نىڭ يىللىق قىممىتى تەخمىنەن ھەر كۇپ مېتردا 0.2 مىللىگىرام بولغان. ۋىلايەت بويىچە شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى 1 -، 2- دەرىجىدىن يۇقىرى ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى 165 كۈنگە يېتىپ، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى %62 گە يەتكەن. ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا، شايار، توقسۇ، باي ناھىيەلىرىدە 2 - دەرىجىلىك يۇندىنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن؛ كەلپىن، شايار ناھىيەلىرىدە چىقىرىندى سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن چىققان سۇدىن پايدىلىنىش نەچچە ئونمىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك ئورمان قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان. ۋىلايەت بويىچە كوكۇس، پولات - تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە توزۇندىلاشتۇرۇش، گۇڭگۇرتسىزلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. ئاقسۇ «جۇڭيۈەن» قەغەزچىلىك شىركىتى قاتارلىق بىرتۈركۈم مۇھىت ئاسراش سۈپىتىگە يەتمىگەن 178 كارخانا بىردەك تاقالغان. ۋىلايەت بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان. «13 - بەش يىل» دا «ئاقسۇ دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش پىلانى» بويىچە ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر، كۆلىمى 550 مىڭ مو كېلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە دەريا بويىدىكى ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان 287 كارخانىنى تاقىغان. ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش «13 - بەش يىل» پىلانىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئاقسۇ دەريا ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ۋە تېرىلغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شەھەرنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنئام نەسىردىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ مۇھىتنى ئاسراش خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ «مۇھىت ئاسراش» قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېشىل تەرەققىياتنى تۇنجى بولۇپ پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت ئاسراش ھەققىدىكى 88 تۈرلۈك قارار ۋە بۇيرۇققا ئىمزا قويدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن گۈزەل شىنجاڭ، پاكىز شىنجاڭ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاقسۇدىكى ھەردەرىجىلىك ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىت ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى تولۇق، بەجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، قانۇن ئارقىلىق مۇھىت ئاسراشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىپ، چىقىرىندىنى كونترول قىلىپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەننىڭ بىرلىكتە مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئارقىلىق بىرتۈركۈم مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇھىت ئاسراشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشىنى، كەڭ خەلق ئاممىسىغا گۈزەل تەبىئەت، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش مۇھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ