باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا گۈزەل مۇھىت يارىتايلى

2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» 4 - گۇرۇپپىسىنىڭ سەپىرىدىن خاتىرە (3)

2016.06.08 14:27   مەنبە: خەلق تورى

2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» 4 - گۇرۇپپىسىنىڭ سەپىرىدىن خاتىرە (3)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 2- ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» خىزمىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قۇمۇل شەھىرىدىكى خىزمىتىنى باشلىدى.

  قۇمۇل سەپىرىمىزدىكى 1 - بىكەت قۇمۇل شەھەرلىك كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى بولدى. 1998 - يىلى 28 - سىنتەبىر قۇرۇلغان، كۈنىگە 100 مىڭ توننا كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە سابىق قۇمۇل شەھەرلىك كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش مەركىزى ئاساسىدا 2002 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر رەسمىي قۇرۇلغان قۇمۇل شەھەرلىك كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى 2003 - يىلى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇل شەھىرىنىڭ كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەن بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىشى، سانائەت بۇلغىمىلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشى بىلەن، ئەسلىدىكى كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئۆلچەمگە يەتمەي قالغان، شۇنىڭ بىلەن 2010 - يىلى 81 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ياسىلىشقا باشلىغان 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش كۈنىگە 50 مىڭ توننا سۇنى قايتىدىن ئىشلەتكىلى قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنغان، كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىشتا دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكا سېللولوزا ئارقىلىق سۈزۈپ بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى كېرەكسىز سۇنىڭ سۈپىتى «شەھەر - بازارلار كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى» نىڭ 1 - دەرىجىلىك A ئۆلچىمىگە يەتكەن.

  __ بۇ يەر بىرتەرەپ قىلىدىغان كېرەكسىز سۇلار ئاساسلىقى نەدىن كېلىدۇ؟ بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن نېمىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟- دەپ سورىدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنئام نەسىردىن قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خوڭگۇاڭدىن.

  ___ بۇ يەردە بىرتەرەپ قىلىنىدىغان كېرەكسىز سۇلار نېفت بازىسى، بىڭتۈەن 13 - شىسى، تۆمۈريول رايونى، شەھەرنىڭ تۇرمۇش سۇلىرى بولۇپ، سۇلار بۇ يەردە يىغىۋېلىنىپ قايتىدىن بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، سانائەت سوۋۇتۇش سۈيى، شەھەر كۆكەرتىش سۈيى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ،- دېدى قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خوڭگۇاڭ چۈشەندۈرۈپ.

  ئارقىدىن بىز شىنجاڭ «شىنخاۋدا» كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يېتىپ كەلدۇق. 2008 - يىلى دېكابىردا 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان بۇ شىركەت نۆۋەتتە يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا مۇنەكچە تۆمۈرنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، شىركەتنىڭ مۇھىت ئاسراش تۈرىدىكى HKD تۈرىدىكى توزانسىزلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسى، كۆزىتىش سىستېمىسى، خام ماتېرىيال ئورنىنىڭ شامالدىن مۇداپىئەلىنىش تېمى، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا 83 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرى ئاپتونوم رايون ۋە سابىق قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ 2014 -/ 2015 - يىللىق نۇقتىلىق بۇلغىمىنى ئازايتىش تۈرى بولغان بولۇپ، شىركەت بۇ ئىشقا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پولات - تۆمۈر ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، پولات - تۆمۈر ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك زىيان كۆرۈلۈۋاتقان ھالەتتىمۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىس - تۈتەكنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 35 مىليون 990 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، سىرتتىن مۇتەخەسسىس، لايىھەلىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، لايىھە تۈزگەن. لايىھە 2015 - يىلى 20 - يانۋار دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ھاك –گەج، قۇم، لاي ئارقىلىق گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، ئىككى ئوچاق، بىر تۇرخۇن ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بۇ قۇرۇلۇش 2015 - يىلى 5 - مارت باشلىنىپ، دېكابىردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ يىل يانۋاردا ئىككى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش تۇرخۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشىپ، سىناق ۋاقىتتىكى گۇڭگۇرت ئوكسىدى قويۇقلۇقى m³ 200 mg / دىن تۆۋەن، ئىس - تۈتەك قويۇقلۇقى m³ mg / 50 دىن تۆۋەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن.

  ___ دۆلەت كارخانىلار تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، لېكىن مۇھىتنى بۇلغاش بەدىلىگە ئېرىشكەن تەرەققىياتنى قەتئىي قوللىمايدۇ، مۇھىتنى ئاسراش كارخانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋەزىپىسى، ئىلمىي تەرەققىيات، ئۇدا تەرەققىياتتا بىز مۇھىت ئاسراشقا قەتئىي تايىنىشىمىز كېرەك، شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭرى دەپلا مۇھىتنى بۇلغايدىغان تۈرلەرنى ئەكىرىشكە، يولغا قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، شىركەت مۇھىت ئاسراشنى تەرەقىياتنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قىلمىسا، ئۇ چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، ئۆزىگىلا ئەمەس پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەققىدە كۈچىگەن ئەجرىڭلارغا رەھمەت،- دېدى مۇئاۋىن مۇدىر ئىنئام نەسىردىن باياتىن بېرى ئەھۋال تونۇشتۇرغان شىركەت باش دىرېكتورى گو شيادۇڭغا قاراپ.

  4- ئىيۇن ئەتىگەندە بىز قۇمۇل شەھىرىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت سانائەت باغچىسىغا بېرىپ، بۇ يەردىكى قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىنى كۆردۇق. قۇمۇل شەھىرىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت سانائەت باغچىسىدا 2010 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 35.6 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى بۇ باغچىدا ھازىر 26 يورۇقلۇق ۋولت كارخانىسى ئورۇنلاشقان، پىلان بويىچە يىلىغا 1 مىليون كىلوۋات توك ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغان. 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 6 مىليارد 850 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 700 مىڭ كىلوۋات توك چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، يىللىق ئورۇندالغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 326 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  يورۇقلۇق ۋولت سانائەت باغچىسىدىن چىقىپ بىڭتۈەن 13 - شىسىغا قاراشلىق تۆگىلىك سانائەت باغچىسى، 13 - شى كېرەكسىز سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى، قۇمۇل «خۇڭيى» قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە باردۇق.

  13 - شىغا قاراشلىق تۆگىلىك سانائەت باغچىسىغا بېرىپ، بىڭتۈەن 13 - شىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى سۇڭ جياجيەندىن ئىگىلىشىمچە، «12-بەش يىل» جەريانىدا بىڭتۈەنگە قاراشلىق مەزكۇر سانائەت باغچىسى تاماملىغان ئاساسلىق بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەزىپىسىدىن COD مىقدارى يىلىغا 50 توننا، ئاممىياكلىق ئوغۇت 5 توننا، گۇڭگۇرت ئوكسىدى 4598 توننا، ئازوتلۇق كرېمنىي ئوكسىدى 325 توننا بولۇپ، 13 - شىسىنىڭ ئومۇمىي بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %71، %63، %84 ۋە %93 نى ئورۇندالغان. سانائەت باغچىسىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار مۇھىت ئاسراش، بۇلغىما ئازايتىش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭ قىلغان. بۇ يىل بولسا بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنداش قارارىغا كەلگەن.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇھىت ئاسراش خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

  قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاڭ خۇڭگۇاڭدىن ئىگىلىشىمچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرىنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، زور بىر تۈركۈم تۈرلەر قۇمۇلغا ماكانلىشىپ، قۇمۇلنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. قۇمۇل شەھىرى «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش» ئىستىراتېگىيەسىنى شەھەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرگەن. بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر كارخانىلاردىن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى ئېلىپ، بۇ سان 2015 - يىلى 66 مىليون 60 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا 34 مىليون يۈەنگە يەتكەن. «12 - بەش يىل» جەريانىدا تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچتىن COD مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت، گۇڭگۇرۇت Ⅳ ئوكسېدى ۋە ئازوت ئوكسىدى مىقدارى ئايرىم - ئايرىم 3712 توننا، 552 توننا، 19 مىڭ 104 توننا، 11 مىڭ 488 توننا كېمىيىپ، نىشان ۋەزىپىسى ئايرىم - ئايرىم %100، %107، %109، %204.04 ئورۇندالغان. يېڭى «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شەھەر (سابىق ۋىلايەت) بويىچە 1997 قېتىم مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسى ئېلىپ بېرىلىپ، 759 كارخانا تەكشۈرۈلۈپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىدىن 174 سى بىرتەرەپ قىلىنغان. مۇھىت بۇلغاش مەسىلىسى مەملىكەت بويىچە ئېغىر بولغان شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ مۇھىت بۇلغاش مەسىلىسىنى تەرتىپكە سېلىشتا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كارخانىنىڭ 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەرئاستى سۈيى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى مۇددەت ئىچىدە پۈتتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان. ئېكولوگىيەلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك شەھەر بەرپا قىلىش نىشانى «قۇمۇل شەھىرىنىڭ <13 - بەش يىل> پىلانى» غا كىرگۈزۈلگەن. مۇھىت سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى تارقاق كىچىك قازاندىن 220 سى چېقىۋېتىلگەن، شەھەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 11 مىليون 540 مىڭ كىۋادرات مېترغا يېتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %75 دىن ئاشۇرۇلغان.

  قۇمۇل شەھىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنئام نەسىردىن مۇنداق دېدى: ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بىز قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش جەھەتتە نۇرغۇن كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئاپتونوم رايوننىڭ «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» نى يولغا قويغىنىغا بۇ يىل 19 يىل بولدى. بۇ قېتىمقى «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسىنى بېكىتىشنى بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قويدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بۇ ھەقتە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ۋە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، مەركەزنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قىبلىنامىسى قىلىپ، قۇمۇلنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ