خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2016- يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا 5- يانۋار دەرس باشلاندى.
مۇخبىر 6- يانۋار كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازارلىق ھۆكۈمەت زالىنىڭ ئادەملەر بىلەن لىق تولغانلىقىنى ، 18ياشتىن يۇقىرى 500نەپەردىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن دېھقانچىلىق پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆردى .
ئوچا بازىرى قارا ئۈژمە كەنت 3- گۇرۇپپىسىدىن ئابلىكىم رۇستەم مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ناھىيە ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، يەرلەرنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاش، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش، كېسەللىك ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ يىل تېرىش پىلانلانغان قىزىلچا ، چاي قاتارلىق تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى قاندا تېرىش، قانداق پەرۋىش قىلىش قاتارلىقلارنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىۋالدىم. مۇتەخەسىسلەر يەنە بىزگە ئەمەلىي قوللىنىشچان پەن - تېخنىكا قوللانمىسى ، رېتسىپلىق ئوغۇتلاش سېخىمىسى قاتارلىقلارنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ ، بىزنى مو پەن - تېخنىكا بىلىملىرىگە ئىگە قىلدى . مەن كۇرسىدىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن قوشنىلىرىمغا يۇقىرىقى پەن- تېخنىكا ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمىز».
سۈرەتتە: 6- يانۋار ئوچا بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈشلەر .
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى