باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قانۇن ئېڭى ئۆسكەندىلا، پۇقرالار قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدۇ»

مىجىت لېتىپ (جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ «سودا» ئادۋوكاتخانىسىنىڭ ئادۋوكاتى)

2014.12.26 20:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈلمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى بىر مەزگىللىك ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتساق، دۆلىتىمىز ئىلگىرى سوتسىيالىستىك پىلانلىق ئىگىلىك يولغا قويۇلغان دۆلەت ئىدى، 1978 – يىلىدىن كېيىن دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزگىچە تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە ئەھۋال. بىراق دۆلىتىمىز ناھايىتى ئۇزۇن يىللىق فېيوداللىق دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرگەچكە، ئۇنىڭدىن قالغان بەزى ئەنئەنىلەر ھازىرغىچە مەۋجۇت.

  دۆلىتىمىز يېقىندا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇنى قانۇن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار بولسىمۇ، يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغانىدى، قانۇن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر سىياسىتى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قانۇندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىزدە قانۇن مۇستەقىللىقى دېگەن سۆزنىمۇ ئېغىزغا ئېلىشتىن ئېھتىيات قىلاتتۇق، ھازىر دۆلەت بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ زور ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىگە كىرگۈزدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا دۆلەت ئىرادىگە كەلدى، پارتىيە ئىرادىگە كەلدى. قانۇن بويىچە دۆلەت ئىدارە قىلىنىدىكەن، نۇرغۇن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر تۈگىتىلىدۇ. دۆلەت سىياسىي جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش ياساۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، مۇشۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۇر، چۈنكى قانۇن شۇ پۇقرالارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، يولغا قويۇلۇشى، پۇقرالار شۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى ھىمايە قىلىپ قوغداشنى بىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر. ئەگەر پۇقرالار قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرمىسە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنىڭ يولىنى بىلمىگەندە، قانۇننىڭمۇ ئىناۋىتى بولمايدۇ، ئورنى بولمايدۇ. پۇقرالارمۇ ئادىللىقتىن، باراۋەرلىكتىن ئېغىز ئاچالمايدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى جايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا. ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن تەربىيەسىگە بولغان ئېھتىياج باشقا ئورۇنلارغا قارىغاندا ئالاھىدە، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي خەلققە قانۇن ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور دەپ قارايمەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن تەربىيەسىنى چوقۇم ياخشى يولغا قويۇش، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندۇرۇش ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر