12-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىرەن قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى خەۋپتىن قۇتقۇزۇش،مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات يۇرتى، غەربىي شمال ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋىلىشىدىن ئۆتتى.
مىرەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 70 كلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈككە جايلاشقان.خارابە مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، قۇرۇلمىسى نەپىس، بۇ يەردىن قەدىمىي گىرىك-رىم سەنئەت پۇرىقىغا ئىگە مىرەن «قاناتلىق پەرىشتە» تام رەسىمى، بۇتخانا خارابىسى قاتارلىقلار قىزىۋىلىنغان، غەرب-شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش،بىرىكىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئىگەللىنىشىچە، شىنجاڭ ئېلىپ بارغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تۈرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، 2012-يىلى مىرەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى خەۋپتىن قۇتقۇزۇش،مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان،ئومۇمىي 5مىليون 847مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.