باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

2014.12.26 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىران پۇلى رىيالغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتىدە يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا مەيدانغا كەلدى. 24-دېكابىر ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا بىر ئامېرىكا دوللىرى 35 مىڭ 650 رىيالغا يەتتى. ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەمدە غەربنىڭ قاتمۇ قات جازالىشى ئىران ئىقتىسادىغا زەربە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشىگە ئېغىر سىناق پەيدا قىلدى.

  پەسىل ئامىلى ساقلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا رىيالنىڭ ئامېرىكىغا دوللىرىغا بولغان كۇرسى %20 چۈشتى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى رىيالنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ھاڭ شەكىلدە تۆۋەنلەپ، كىشىلەرنى ئەنسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويدى.

  ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 12-ئايدا پارلامېنتقا سۇنغان خامچوت لايىھىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىللىق كىرىمى 82 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇ يىلقىدىن %8.5 ئاشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن %20 گە يېقىنلاشقان پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى ئويلاشقاندا ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچى تۆۋەنلەيدىكەن. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئېلىپ كەلگەن كىرىم يوچۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت باجنى %22.5 ئۆستۈرمەكچى، كۈندىلىك تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى %26.5 قىسقارتماقچى.

  ئىراننىڭ ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەت كىرىمىنىڭ ئازىيىشى ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە زور مىقداردا ئىش توختىغانلىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ھازىرقى تەخمىنەن %16 ئاساسىدا داۋاملىق يۇقىرىلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ رىيالغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى داۋاملىق يۇقىرىلىشى مۇمكىن. كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 37 مىڭ رىيالغا يېتىشى مۇمكىن. كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى بىر ئامېرىكا دوللىرى 40 مىليون رىيالغا يېتىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلىشى مۇمكىن.

  ئىراننىڭ ئىقتىسادىي مۈشكۈللۈككە ئۇچرىمىدى. 2006-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئىراننى كۆپ قېتىم جازالاپ، نېفىت ئېكسپورتىنى چەكلىدى. پۇل مۇئامىلە ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى، ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2012-يىلى ۋە 2013-يىلى ئۇدا تۆۋەنلىدى. بەختكە يارىشا شۇ ۋاقىتتا نېفىت باھاسى باشتىن ئاخىر ياخشى بولدى، ئىران ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان نېفىت ئىقتىسادى تۆۋەنلىدى. بىراق نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئىران ئىقتىسادىي يان تايىقىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھازىر خەلقئارادا خام نېفىت باھاسى 6-ئاينىڭ بېشىدىكىدىن تەخمىنەن يېرىمى تۆۋەنلىدى. بۇ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت كېرىمىنىڭ كېمەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىران مۇتەخەسسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىراننىڭ نېفىت كىرىمى 2011-يىلى120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. كېلەر يىلى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا ئىقتىسادىي جازا ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش تەسىرى ئىران ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. مۇخبىرنىڭ تېھراندىكى بىر ئاپتوموبىل سېتىش ماگىزىنىدا گېرمانىيە، ياپونىيە، كورىيەدە ياسالغان ماشىنىلار كۆپلۈكىنى ، لېكىن خېرىدارلار يوقلىقىنى كۆردى. ماگىزىن خوجايىنى بۇ يىل تىجارەت %30 تۆۋەنلىدى،دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېرىدارلار ئىراننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يادرو سۆھبىتىنىڭ قانداق بولۇشىنى، ئۇرۇش بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ خىل تۇراقسىز ئەھۋالدا تىجارەتنىڭ جانلىنىشى تەبىئىيلا قىيىنغا توختايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر