باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەھنىسى بەرپا قىلدى

2014.12.15 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-دېكابىر شىنجاڭنىڭ ئالدىن كېلىشىپ داۋالىنىش مۇلازىمەت سەھنىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇندىن كېيىن پۇقرالار ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا تېلېفون ، كومپيۇتېر ، يانفون ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نومۇرىنى ئالدىن كېلىشسە، دوختۇرنى مۇستەقىل تاللىسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ سەھنە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن داۋالاش سەھنىسى ئىكەن، بۇ شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 1- دوختۇرخانا، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2- دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى 7 ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بىمارلار 12580گە تېلېفون بەرسە ياكى شىنجاڭ ئالدىن كېلىشىش تور بېكىتىگە كىرىپ نومۇر ئالسا بولىدىكەن، ئۆز ئىسىمى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇپ، دوختۇرخانا ياكى دوختۇرنى تاللىسا بولىدىكەن، 7 كۈن ئىچىدە ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نومۇرىنى ئالدىن كېلىشسە، يانفون ئۇچۇرى زاكاز تالون نومۇرى ۋە كىملىكى بىلەن دوختۇرخانىلارنىڭ نومۇر سېتىش كۆزنىكىگە بېرىپ ھەق تۆلەپ نومۇر ئالسا بولىدىكەن، ئۆچىرەتتە تۇرۇشنىڭ كېرىكى يوق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر