- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرالىيەنىڭ گرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى
2014.12.15 10:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ 12-دېكابىر گرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا يۈز بەرگەن ئىسرالىيەنىڭ گرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىدىكى» ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلقئارا تىنچىلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىد پەيدا قىلىدىغان بارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كېرەك دەپ قايتا تەكىتلىدى. گرېتسىيە ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: 12-دېكابىر سەھەردە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئىككى قاتىل ئافىنانىڭ شىمالىدىكى ئىسرالىيەنىڭ گرېتىسيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا AK-47 تىپلىق ئاپتومات بىلەن ئەلچىخانىنى ئوققا تۇتقاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، ئوققا تۇتۇشتا ئۆلۈم يېتىم ۋە مال مۈلۈك زېيىنى بولمىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر