باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>شىنجاڭ ئىجابىي ئېنىرگىيەسى

ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى FM104.6 ئۇيغۇرچە قاتناش سەنئەت رادىئوسى بىر ياشقا كىردى

2014.12.17 08:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىكى ئەڭ يېقىملىق ئاۋاز، يول ۋە سەپىرىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى كومپاس ـــ ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ FM104.6 ئۇيغۇرچە قاتناش سەنئەت رادىئوسى 15 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق رادىئو ئىستانسىسى 1982 – يىلى نويابىردىن باشلاپ ئاڭلىتىش باشلىغان 32 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدا پارتىيە – ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا شۇنداقلا مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. شەھەر تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، كىشىلەر تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، قاتناش ئۇچۇرلىرىغا بولغان ئېھتىياجى كۈندىن – كۈنگە ئاشماقتا. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى 2005 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ ھەركۈنى يېرىم سائەتلىك قاتناش پروگراممىسىنى يولغا قويغان، بۇ پروگراممىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شەھەر قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە شۇنداقلا قاتناش قانۇن – نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىشتا تۈرۈتكىلىك رول ئويناپ كەلگەن. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا 2014 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ FM 104.6 ئۇيغۇرچە قاتناش سەنئەت رادىئوسى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ھەركۈنى ئالتە سائەتتىن مەىسۇس قاتناش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، ئاز سانلىق مىلللەتلەر رادىئو ئىستانسىسىلىرى ئىچىدە قاتناش رادىئوسى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. قاتناش سەنئەت رادىئوسىدا بېرىلىۋاتقان «ئاق يول»، «قاتناش قىزىق لېنىيەسى»، «دۆڭكۆۋرۈكتىكى پاراڭلار»، «قىزىلتاغ كۈيلىرى»،« ئاۋازلىق كىتاب» قاتارلىق نادىر پروگراممىلار ھازىر رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشىپ، ئاڭلاش نىسبىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو ئىستانسىسىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر