باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق كۆچمە ئاھالىنىڭ ئارخىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

كېلەر يىلدىن باشلاپ ئارخىپ ساقلاش ھەققى ئېلىنمايدۇ

2014.12.16 09:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسىدىن ئىبارەت بەش تارماق بىرلىشىپ يېقىندا «كۆچمە ئاھالىنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىگە قارىتا، كۆچمە ئاھالىنىڭ كادىرلار ئارخىپى جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2015-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ كادىرلار مۇناسىۋىتى ۋە ئارخىپ ساقلاش ھەققى، تەكشۈرۈش ھەققى، ئىسپات ھەققى، ئارخىپ يەتكۈزۈش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى كۆچمە ئاھالىنى كادىرلار ئارخىپى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. جايلار مۇناسىۋەتلىك راسخوتلارنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر