باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خۇگجېلتۇ دېلوسىغا قايتا سوت ئېچىپ ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى جاكارلىدى

2014.12.16 09:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 15-دېكابىر خۇگجېلتۇنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، لۈكچەكلىك جىنايىتى دېلوسىغا قايتا سوت ئىچىپ ھۆكۈم چىقاردى ۋە ئەرز قىلغۇچى، ئاقلىغۇچى، تەپتىش ئورگانلىرىغا قايتا ھۆكۈمنامىسىنى يەتكۈزدى.

  بۇ دېلو خۇگجېلتۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەرز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 19-نويابىر قايتا سوت ئېچىشنى قارار قىلىپ، ئايرىم كېڭەشمە سوت ئاچقان ۋە قانۇن بويىچە تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا، كېڭەشمە سوت بۇ دېلونىڭ بارلىق ئارخىپى ۋە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىپ، ئەرز قىلغۇچى، ئاقلىغۇچى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلونى باھالىغان ۋە سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇپ، تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقارغان: بىرىنچى، مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ (1996) ئاخىرقى 199-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمى ۋە كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (1996) دەسلەپكى 37-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئىككىنچى، ئەسلى سوتلانغان جاۋابكار خۇگجېلتۇ گۇناھسىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر