باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2014.12.16 09:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 13-دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 13-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە داغىدۇغىلىق تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ تىنچلىقنى ئارز قىلىپ كەلدى. تىنچلىق قۇياش نۇرىدەك ئىللىق، يامغۇر ۋە شەبنەمدەك يېقىشلىق. قۇياش، يامغۇر ۋە شەبنەم بولغاندىلا مەۋجۇداتلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. تىنچلىق، مۇقىملىق بولغاندىلا ئىنسانلار ئارزۇلىرىنى تېخىمۇ ياخشى روياپقا چىقىرالايدۇ. تارىخ بىزگە تىنچلىقنىڭ تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قوغداشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ھەممە كىشى تىنچلىقنى قەدىرلەپ، تىنچلىقنى قوغدىغان، ئۇرۇشنىڭ ئاچچىق پاجىئەسىدىن ساۋاق ئالغاندىلا، تىنچلىقتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر