باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى زەھەر تاشلاش دېلوسىنىڭ 2-سوتى ئاخىرلاشتى، لىن سېنخاۋنىڭ «ئاخىرقى بايان»ى ئاشكارىلاندى

2014.12.16 09:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ساداسىنىڭ «كەچلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەسلى بىر كۈندە ئاياغلاشتۇرۇشنى پىلانلانغان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى زەھەر تاشلاش دېلوسىنىڭ 2-سوتى 8-دېكابىر كەچ سائەت 11:33لەردە ئاخىرلاشقان، 2-سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى لىن سېنخاۋ سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن «ئاخىرقى بايان»ىنى يازغانىكەن، لېكىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن لېن سېنخاۋ قول يازمىسىنى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەي، سوتقا بىۋاسىتە تاپشۇرۇپ بەرگەن. «ئاخىرقى بايان»نىڭ قول يازمىسى 13-دېكابىر ئاشكارىلانغان.

  «ئاخىرقى بايان»دا لىن سېنخاۋ «ئىدىيەدە ماكانسىز قالغانلىقىنى» ئېيتقان ۋە خۇاڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى ئۆتۈنگەن. لىن سېنخاۋ مۇنداق دېگەن: نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن تەمەيىم يوق، تەلىيىم كېلىپ يەنە پۇرسىتىم بولسا، ئاخىرقى ئۆمرۈمدە خۇاڭ ئاتا-ئانىغا قىلغانلىرىمنى كۈچىمنىڭ يېتىشىچە تولدۇرىمەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە خىزمىتىنى قىلىمەن؛ يەنىلا كېتىپ قالسام، ئۇمۇ ئۆزەمنىڭ شورى، خۇاڭ ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر