باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكى جايلاردىكى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى قۇرۇلدى

2014.12.15 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا « ئىچكى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى چىقارغان. شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئالىي مەكتەپلەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، جۈملىدىن تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ياردەم فوندىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  «چارە»دە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلار ئوبيېكتىپ جەھەتتىن تىرىشمىسا، ئىككى ئاساسلىق جەزمەن ئۆتىلىدىغان دەرستە تولۇقلىما ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولسا ياردەم پۇلنى بىكار قىلىش، ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئازايتىش ئوتتۇرغا قويۇلدى. ياردەم فوندى ئاساسلىقى ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش راسخوت چىقىمىغا ياردەم بېرىشكە سەرپ قىلىنىدۇ. ھەرقايسى مەكتەپلەر مەكتىپىدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى ئاساسلىق جەزمەن ئۆتىلىدىغان دەرستە تولۇقلىما ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلار، گەرچە جازا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك ھەرىكەت ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلار، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ساختا مەلۇم قىلغانلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكەت قېلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلغانلاردىن ئىبارەت يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ياردەم پۇلىنى بىكار قىلىشى، ۋاقتىنچە توختىشى ياكى ئازايتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر