باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش، ئېيتىش ھۆرمەت قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئائىت يولغا قويۇش پىكىرى» ئېلان قىلىندى

2014.12.15 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش، ئېيتىش ھۆرمەت قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئائىت يولغا قويۇش پىكىرى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايونلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «پىكىر»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: دۆلەت شېئىرى-دۆلەتنىڭ سىمۇۋۇلى ۋە بەلگىسى. ئېلىمىز ئاساسى قانۇنىدا: دۆلەت شېئىرى- پىدايىلار مارشى، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دۆلەت شېئىرىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، خەلق ئازاتلىقى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش كۆرۈشى مۇجەسسەملەنگەن، خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىگە مەدەت بېرىدىغان كۈچلۈك مىلودىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان جانلىق دەرسلىك. «پىكىر»دە ئورۇنلاشقا، ئېيتىشقا بولىدىغان ۋە ئورۇنلاشقا، ئېيتىشقا بولمايدىغان مەيدان، ئورۇنلىغان ۋاقىتتىكى ھۆرمەت قائىدىسى بەلگىلەندى. «پىكىر»دە يەنە دۆلەت شېئىرى مەزمۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش، دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش، ئېيتىش ھۆرمەت قائىدىسى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش، ئېيتىش ھۆرمەت قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر