خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): 13-دېكابىر،داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ شىنجاڭدىكى تۇرمۇش كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلغان «بايانداي» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، ۋاڭ مېڭمۇ نەق مەيدانغا فىلىمىنى كۆرگىلى كەلدى. فىلىم ئاخىرلاشقاندا، ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، بۇ فىلىمىنىڭ نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى يادىغا سالغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ فىلىم جۇڭگودىكى داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ 60 – يىللاردا شىنجاڭ غۇلجا شەھىرى باياندايدا تۇرغان چېغىدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن. بۇ فىلىمدا «لاۋ ۋاڭ» « تەشكىلات بۆلۈمىگە يېڭى كەلگەن ياش»دېگەن ھېكايىنى ئېلان قىلغاچقا ، غۇلجىغا ئەمگەككە چۈشۈرۈلگەن، باياندايدا ئەمگەك قىلغان مەزگىلدە، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ، مىللەت ھالقىغان دوستلۇقنى ئورناتتى. بۇ فىلىمدا ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاددىي-ساددا، ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل، يۇمۇرىستىك خاراكتېرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق تارىخى ئەمەلىيىتى نامايان قىلىنغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىياتى ۋە رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ جىنجۈن بۇ قېتىملىق قويۇش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنىڭ قويۇلىشى شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىقى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش. غۇلجا شەھىرى ئارقا-ئارقىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىدىسكى فىلىمدىن ئۈچنى سۈرەتكە ئېلىپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا تۆھپە قوشتى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپلىگەن كىنو-فىلىم كارخانىلىرىنىڭ غەمخورلىقىدا بۇندىن كېيىن، شىنجاڭ كىنوچىلىقىدا، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كېلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى