باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ چوڭ پەردىسى ئېچىلدى

2014.12.16 09:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ بۇرغىسى قارا قىشتىلا چېلىندى. مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى بۇ قېتىمقى باھارنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى، يىغىندا «يېزىلارنىڭ يېرىنى ئىشلىتىش، كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى بازارغا سېلىش، تۇرالغۇ يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىلىپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى «ئۈچ ئوقنى تەڭ ئېتىش» دەپ قارالدى، بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغانلىقىنىڭ ناماياندىسى.

  ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى بارتېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداپ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك

  تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسىلىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا يولۇققان تۇنجى مەسىلە. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى زېڭ يېسۇڭ پروفېسسور بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاخىرقى چېكى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ئۇنىڭدىن ھەرگىز ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك.

  يەر بولمىسا ئاشلىقنى قانداق ئىشلەپچىقىرىدۇ؟ ئاشلىق ئارقىلىق ئەلنى خاتىرجەم قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي قائىدىسى.

  تاماق قاچىسىنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش، ئېلىمىز ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانى. ئۆزىنى ئاساس، دۆلەت ئىچىنى مەۋقە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىدىغان، پەن-تېخنىكىغا تايىنىدىغان دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش پىلانلىغۇچى يەن جىياۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرماسلىق، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلىگىلى، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر