- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىرئوبلاستىدىكى 3158 مەمۇرىي كەنتنى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ
2014.10.30 09:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى 28-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خوتەن ۋىلايىتىدە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستىدىكى كەنتلەرگە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ياردىمى بېرىش مۇراسىمى ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدا دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 125 مىليون يۈەن ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى 32 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىش پىلانلانغان بولۇپ ، ھەر بىر مەمۇرىي كەنتكە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن . بىر يىل ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى 3158 مەمۇرىي كەنتتە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بولۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن .
دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ، بولۇپمۇ 1-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، سىياسەت ، مەبلەغ، تۈر ، ئىختىساس ئىگىلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن نۇرغۇن ياردەم بەردى . بۇ يىل دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ گويوڭ قاتارلىقلارمۇ مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر